باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستان ھىندىستان بىلەن ھەمكارلىشىپ ھىندىستان ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2016.01.06 08:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 4-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: پاكىستان ھىندىستان تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ھىندىستان پاتخانكوت ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى، پاكىستان ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇتۇش ۋە يوقىتىش ھەققىدە ۋەدە بېرىدۇ، ھازىر ھىندىستان ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ، ھەم ھىندىستان ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ . باياناتتا مۇنداق دېيىلدى، پاكىستان بىلەن ھىندىستان تىنچلىق سۆزلىشىشىنى داۋاملاشتۇرۇشى، تېررورلۇق خىرىسى ئالدىدا، ئىككى دۆلەت ئۆز ئارا ھەمكارلىشىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى كۈچەيتىشىگە توغرا كېلىدۇ. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى، پاكىستان بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئائىلىسىنىڭ بۇ قېتىمقى بەختسىزلىك ۋەقەسىدە ئۇرۇق تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئازابىنى چۈشىنىدۇ، چۈنكى پاكىستانمۇ تېررورلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى دۆلەت.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر