باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كېمون، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشىدىن ساقلىنىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2016.01.06 08:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى دىيارىك 4-يانۋار مۇنداق دېدى: باش كاتىپ بان كېمون، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننى ئىككى دۆلەت ۋە رايون ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈۇرۈۋېتىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسىمۇ مەزكۇر رايوننىڭ ۋەزىيىتىگە باھا بەردى. دىرىك قەرەللىك ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بان كېمون 3-، 4- يانۋار ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى جۇبەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم تېلېفونلاشتى. بان كېمون تېلېفوندا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى ھەمدە ئىراننىڭ تەدبىر قوللىنىپ، دىپلوماتىيە ئورگانلىرىنى قوغدىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. بان كېمون سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر