- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ كورلا شەھىرىدە بىر پار قازىنى تۇيۇقسىز پارتلاپ، قوشنىسى تالاپەتكە ئۇچرىدى
2016.01.06 13:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-يانۋار كەچ سائەت 7 لەر ئەتراپىدا « بۇم »قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ كورلا شەھىرى چارباغ يېزىسى باردۆڭ كەنتىدىكى بىر ئىجارىگە بېرىلگەن ھويلىنىڭ دەرۋازىسى تەرەپتىكى ئۆزى ياسىۋالغان پار قازىنى پارتلاپ، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ما خانىمغا ئۇچۇپ چىققان ئوچاق قاپقىقى تىگىپ يارىلىنىپ، نەق مەيداندا قازا قىلغان. پار قازىنىغا ئوت قالاۋاتقان لى خانىممۇ جاراھىتى ئېغىر بولغانلىقتىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، يارىلانغان لى خانىم 31ياشقا كىرگەن بۇلۇپ، بۇ يەردە ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇپ راڭپىزىچىلىق قىلىدىكەن، پارتلاش يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى پار قازىنىدا راڭپىزا تەييارلاۋاتقان ئىكەن. ئۆلگۈچى ما خانىم 27ياش، لى خانىمنىڭ ئۆيىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇشلۇق بۇلۇپ، شۇ چاغدا ئۇ ئۆيدىن چىقىپ ئەمدىلا ئۈچ مېتىر يىراققا مېڭىشىغا بەختسىزلىك يۈزبەرگەن، يۇقىرى بېسىمدا ئۇچۇپ چىققان پار قازان تۇۋىقى ئۇنىڭ ھاياتىغا زامىن بولغان.
نۆۋەتتە، ساقچى تەرەپ بۇ ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر