باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشى، سۇرىيەنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ

2016.01.07 12:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى جۇبەر 5-يانۋار مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشى سۇرىيەنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. جۇبەر شۇ كۈنى، زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى دىمىتۇرا بىلەن كۆرۈشتى. جۇبەر يېقىندا رىيادتا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر يىغىنى بىلەن مۇشۇ ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۇرىيە تىنچلىق يىغىنى توغرىسىدا دىمىتۇراغا ئالاقىدار تەييارلىق كۆرۈش خىزمەتلىرىنى دوكلات قىلدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرگە سۇرىيە مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر