باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسى سەر خىل مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى يارىتىشقا ئەھمىيەت بەردى

2016.01.07 13:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋىرى) ئاۋات ناھىيەسى زامانىۋىي مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋىي دولان مەدەنىيىتى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، دولان مەدەنىيىتى ماركىسىنى ھەر تەرەپلىمە ياراتتى. مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئىگىرى-كېيىن بولۇپ، 18-قۇرۇلتايغا بېغىشلانغان نۇقتىلىق نەشر بۇيۇمى «شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەرگە شاھىد بولغان دېھقان رەسىملىرى»نى نەشىر قىلدۇرۇپ تارقاتتى.

  ئاۋات ناھىيەسى زور بىر تۈركۈم دېھقان رەسساملىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىجادچانلىق روھىغا مەدەت بېرىپ، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، مول ئىجادىيەت مەنبەسى بىلەن تەمىن ئەتتى. پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۇنجى «شىنجاڭ دولان دېھقانلار يۇرتى»، «تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ دېھقان رەسساملىرى بايرىمى»نى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆتكۈزدى. چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇلۇق ئوپىرا «دولان»، «ئەپەندى ۋە ئاۋات» ناملىق كىنو، «كەنت دوختۇرى زاڭ شۇ ۋۇ» ناملىق رادىئو دراممىسى، «تاۋلانغان ئىرادە» ناملىق مىكرو كىنو قاتارلىق زور بىر تۈركۈم مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى-سىرتىدا بىردەك ياخشى باھاغا ئېرىشتى. «دولان مۇقامى گىمناستىكىسى» قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەسەرلەر ئاپتونوم رايون ھەتتا مەملىكەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. قاپاق ئويمىچىلىقى، يەرلىك ئىچىملىك مۇسەللەس قاراتلىق ئۆزگىچە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش-مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت كەسپىنىڭ بىرىكمە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۈنۈملۈك ۋاستىگە ئايلىنىپ، دولان مەدەنىيىتى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىغا مەشھۇر بولغان ئۆزگىچە مەدەنىيەت ماركىسى بولۇپ قالدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر