باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش، پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى

(2015-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى)

2016.01.06 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇش دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىتى، ئۇ سانسىزلىغان ئائىلىلەرنىڭ بەختلىك، تىنچ-ئامان بولۇشى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشى، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، نوپۇس ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىگە ماسلىشىش، نوپۇسنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك قارار چىقىرىلدى.ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى مۇقىم، پۇختا، تەرتىپلىك يولغا قويۇش كېرەك

  ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى قانۇن بويىچە تەشكىللەپ يولغا قويۇش كېرەك. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالاقىدار مەمۇرىي قانۇن-نىزام ۋە يەرلىك قانۇن-نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى 2016-يىلدىن باشلاپ قويۇش كېرەك. ھەر قايسى ئۆلكىلىك (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ نوپۇس تەرەققىيات ۋەزىيىتى، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى ئاساسى ۋە سىياسەتنى يولغا قويۇش خەۋپىنى ئۇنىۋېرسال باھالاپ، يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئىلمىي تۈزۈپ، گوۋۇيۈەن مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا مەلۇم قىلىپ، سىياسەتنىڭ مۇقىم ئەمەلىيلىشىپ، تۇغۇت سەۋىيەسىدە چوڭ داۋالغۇش كۆرۈلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  تۇغۇت مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك. تۇغۇت تىزىملاش مۇلازىمەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئىككىدىن تۆۋەن(ئىككىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) پەرزەنتلىك بولغانلارنىڭ تەستىقلىتىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئائىلىلەر ئۆزى ئىختىيارىي ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. قايتا تويلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللاردىكى تۇغۇتنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاش كېرەك. ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىش بېجىرىش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، توردا ئىش بېجىرىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ خەلققە يەنىمۇ ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك. سىياسەتتىن سىرت كۆپ پەرزەنتلىك بولغانلارنى قانۇن-نىزام بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.تۇغۇلىدىغان نوپۇسنى تەكشۈرۈپ مۆلچەرلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۇغۇلىدىغان نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىنى ئىلمىي مۆلچەرلەپ، تۇغۇلىدىغان نوپۇسنى تەكشۈرۈش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. دۆلەت نوپۇس ئاساسىي ئۇچۇر ئامبىرى ۋە نوپۇس ساغلاملىقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك نوپۇس-پىلانلىق تۇغۇت ئۇچۇرىنى ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇش، نوپۇس باشقۇرۇش، تويلىشىش، نوپۇس ساغلاملىقى، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  جامائەت مۇلازىمەت بايلىقلىرىنى مۇۋاپىق تەقسىملەش كېرەك. تۇغۇت مۇلازىمىتى ئېھتىياجى ۋە نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئانا-بالىلارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش، بالىلارغا قاراش، ئوقۇش ئالدىدىكى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق بايلىقلارنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. ئىجتىمائىي كۈچلەرنى پايدا ئالمايدىغان ئانا-بالىلار دوختۇرخانىسى، يەسلى قاتارلىق مۇلازىمەت ئاپپاراتى ئېچىشقا يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر