باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى رەھبەرلىك ئورگىنى، راكېتا قىسمى، ئىستراتېگىيەلىك ياردەم قىسمىنى قۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2016.01.04 09:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى رەھبەرلىك ئورگىنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى راكېتا قىسمى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئىستراتېگىيەلىك ياردەم قىسمىنى قۇرۇش يىغىنى2015-يىلى 31-دېكابىر 1-ئاۋغۇست بىناسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، راكېتا قىسمى، ئىستراتېگىيەلىك ياردەم قىسمىغا ئارمىيە بايرىقى بەردى ھەمدە سۆز قىلدى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00 تە قۇرۇش يىغىنى باشلاندى. شى جىنپىڭ ئارمىيە بايرىقىنى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى لى زوچېڭ، سىياسىي كومىسسار ليۇ لېي، راكېتا قىسمىنىڭ قوماندانى ۋېي فېڭخې، سىياسىي كومىسسار ۋاڭ جياشېڭ، ئىستراتېگىيەلىك ياردەم قىسمىنىڭ قوماندانى گاۋ جىن، سىياسىي كومىسسار ليۇ فۇليەنلەرگە بەردى. مەيداندىكى ئوفىتسېر ئەسكەرلەر ئارمىيە بايرىقىغا ئېھتىرام بىلدۈردى.

  بايراق بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىن شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، راكېتا قىسمى، ئىستراتېگىيەلىك ياردەم قىسمىنى قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ نەزىرىنى جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قارىتىپ چىقارغان زور ھەل قىلغۇچ تەدبىرى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشقان ھەربىي ئىشلار كۈچ سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، بۇ ئارمىيەمىزنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئابىدىگە ئايلانغۇسى، بۇ خەلق ئارمىيەسىنىڭ تارىخىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدىكى بارلىق ئوفىتسېر ئەسكەرلەر ئۇچۇر دەۋرىدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش شەكلى ۋە ئىشلىتىش شەكلىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشكە ماسلىشىپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ماتورلۇق ئۇرۇش، ئىستىۋوللۇق ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەلىنىش ئىستراتېگىيەلىك تەلىپىگە ئاساسەن، يۇقىرى قاتلامدىكى لايىھەلەش ۋە رەھبەرلىك قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۈچ قۇرۇلمىسى ۋە قىسىم تەشكىللەشنى سەرخىللاشتۇرۇپ، رايون مۇداپىئە تىپىدىن رايون بويىچە ئۇرۇش قىلىش تىپىغا قاراپ بۇرۇلۇش ياساشنى تېزدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ كۈچلۈك زامانىۋىلاشقان يېڭىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: راكېتا قىسمى ئېلىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەھدىتىنىڭ يادرولۇق كۈچى، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ مۇھىم ئۇلى. راكېتا قىسمىدىكى بارلىق ئوفىتسېر ئەسكەرلەر راكېتا قىسمىنىڭ فۇنىكسيەلىك ئورنى ۋە بۇرۇچ ۋەزىپىسىنى ئىگىلەپ، يادرو ھازىرلىقى، رايون بويىچە ئۇرۇش قىلىشتەك ئىستراتېگىيەلىك تەلەپكە ئاساسەن، ئىشەنچلىك يادرو تەھدىتى ۋە يادرولۇق قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى، ئوتتۇرا يىراق مۇساپىلىك دەل زەربە بېرىش كۈچى قۇرۇلۇشىنى، ئىستراتېگىيەلىك چەكلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ كۈچلۈك زامانىۋىلاشقان راكېتا قىسمى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىستراتېگىيەلىك ياردەم قىسمى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى يېڭىچە ئۇرۇش كۈچى، ئارمىيەمىزنىڭ يېڭىچە سۈپەتلىك ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىدىكى مۇھىم ئېشىش نۇقتىسى. ئىستراتېگىيەلىك ياردەم قىسمىدىكى بارلىق ئوفىتسېر ئەسكەرلەر يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن يېڭىچە ئۇرۇش قىلىش كۈچىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، بىردەك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ كۈچلۈك زامانىۋىلاشقان ئىستراتېگىيەلىك ياردەم قىسمى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

  ئاخىرىدا شى جىنپىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، راكېتا قىسمى، ئىستراتېگىيەلىك ياردەم قىسمى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن بىرگە خاتىرە سۆرەتكە چۈشتى.

  قۇرۇش يىغىنىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فەن چاڭلۇڭ رەئىس شى جىنپىڭ ئىمزالىغان مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، راكېتا قىسمى، ئىستراتېگىيەلىك ياردەم قىسمىنى تەشكىللەش ھەمدە بۇلارنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئەزالىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش بۇيرۇقى ۋە قارارىنى ئوقۇپ ئۆتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر