باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2016-يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى

2016.01.04 09:07   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2016-يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى

  شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلق رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق 2016- يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى.

  يېڭى يىل ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلق رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق 2016- يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  يەنە بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن يېڭى يىل قوڭغۇرىقى چېلىنىدۇ. 2015- يىلى بىلەن خوشلىشىپ، 2016- يىلىنى كۈتۈۋالىمىز. كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالىدىغان مۇشۇنداق پەيتتە، مەن ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلاردىكى دوستلارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەيمەن!

  ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن. 2015- يىلى جۇڭگو خەلقى كۆپ ئەجىر قىلدى، شۇنىڭغا يارىشا نۇرغۇن نەتىجىگىمۇ ئېرىشتى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىق دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيەسى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولدى، چىرىكلىككە قارشى كۈرەش چوڭقۇرلاشتى. ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، 12- بەش يىللىق يىرىك پىلان تولۇق ئورۇندىلىپ، خەلق تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتى.

  بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەپ، كاتتا پارات ئۆتكۈزۈپ، «ھەققانىيەت، تىنچلىق ۋە خەلق ھامان غەلىبە قىلىدۇ» دېگەن ھەقىقەتنى نامايان قىلدۇق. ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، 300 مىڭ ئەسكەر قىسقارتتۇق. ما يىڭجيۇ ئەپەندى بىلەن ئىككىمىز سىنگاپوردا ئۇچرىشىپ، 66 يىلدىن كېيىن قايتا كۆرۈشۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى تىنچ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدۇق.

  بۇ يىل بېيجىڭ 24- نۆۋەتلىك قىشلىق ئو ت م نى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشتى، خەلق پۇلى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە پۇللىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا ياسىغان C919 بەلگىلىك چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى پۈتتى، جۇڭگونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېرى دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ، ئۇدا ئالتە يىل چېمپىيون بولدى، دۆلىتىمىزدىكى ئالىملار تەتقىق قىلىپ ياسىغان كۆرۈنمەس ماددىلارنى تەكشۈرۈش سۈنئىي ھەمراھى بوشلۇققا قويۇپ بېرىلدى، تۇ يۇيۇ دۆلىتىمىزدىكى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى ئالىم بولۇپ قالدى... كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قەتئىي چىڭ تۇرىدىغانلا بولساق، ھامىنى ئارزۇغا يېتەلەيمىز.

  بۇ يىل خۇشاللىقمۇ، غەم - قايغۇمۇ تەڭ مەۋجۇت بولدى. «شەرق يۇلتۇزى» ناملىق يولۇچىلار پاراخوتى چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى، تيەنجىن پورتىدا يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە چوڭ پارتلاش، شېنجېندىكى تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش قاتارلىق ھادىسىلەردە نۇرغۇن قېرىندىشىمىز ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن قېرىندىشىمىز تېررورچىلار تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلدى، كىشىنى بەك ئېچىندۇرىدۇ. بىز ئۇلارنى ياد ئېتىمىز، قازا قىلغانلارنىڭ روھى ئەمىن تاپسۇن، ھايات قالغانلارغا تىنچ - ئامانلىق تىلەيمىز! ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدا يەنە بەزى قىيىنچىلىق ۋە غەم مەۋجۇت. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت داۋاملىق تىرىشىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا، خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  2016- يىلى دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش باسقۇچى باشلىنىدىغان يىل. ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى. پارلاق كەلگۈسى كىشىنى ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ، لېكىن بەخت ئاسماندىن چۈشمەيدۇ. چوقۇم غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسى تۇرغۇزۇپ، داۋاملىق باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى داۋاملىق كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پاك سىياسىي مۇھىت يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش باسقۇچىنى ياخشى باشلىشىمىز كېرەك.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا، 1 مىليارد 300 مىليون كىشى قولنى قولغا تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلىشى كېرەك. يېزىلاردىكى نەچچە ئون مىليون نامرات ئاھالىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مېنىڭ ئارزۇيۇم. بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى باشلىدۇق، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت بىر نىيەتتە كۈچەپ، قەلبداش بولۇپ، ئاجىزلىقلارنى كۈچەپ تۈگىتىپ، يېزىلاردىكى بارلىق نامرات ئاھالىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ھەممىسىگە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈشىمىز كېرەك.

  بىزنىڭ بىرلا يەر شارىمىز بار، ئۇ ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئائىلىسى. بۇ يىل دۆلىتىمىز رەھبەرلىرى نۇرغۇن خەلقئارا يىغىنغا قاتنىشىپ، نۇرغۇن دىپلوماتىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى، ب د ت نىڭ 2030- يىللىق سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى تۈزۈش، دۇنيا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق خەلقئارا ئىشلارغا قاتناشتى. دۇنيا شۇنچە چوڭ، مەسىلىلەرمۇ شۇنچە كۆپ، خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ ساداسىنى ئاڭلاشنى، جۇڭگونىڭ لايىھەسىنى كۆرۈشنى، جۇڭگونىڭ ھەرقانداق ئىشتا كەم قالماسلىقىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئازاب - ئوقۇبەت ۋە ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قالغان كىشىلەرگە ئېچىنىمىز ۋە ھېسداشلىق قىلىمىز، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىمىز. جۇڭگونىڭ دەرۋازىسى پۈتۈن دۇنياغا مەڭگۈ ئوچۇق، قىينچىلىققا دۇچ كەلگەن كىشىلەرگە قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىپ، «دوستلار چەمبىرىكى»مىزنى بارغانسېرى كېڭەيتىمىز.

  خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تېخىمۇ مۆتىدىل بولۇپ، كۆپ ھەمكارلىشىپ، تىركىشىشنى ھەمكارلىشىشقا ئۆزگەرتىپ، ئارازچىلىقلارنى تۈگىتىپ، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆپچىلىككە رەھمەت.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟
      ·دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلغانلارنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چەكلىنى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاھىدە تۈرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىزىل سىزىقى بېكىتتى
      ·ئاۋات ناھىيەسىدە لۇشۈن باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىدىن ماۋزېدۇڭ، لۇ شۈن قاتارلىقلارنىڭ ت…
      ·ئېلىمىز مائارىپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى دۇنيانىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتارىغا ئۆتتى