- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يەمەن ئادىندا كېچىدە يول يۈرۈش مەنئى قىلىندى
2016.01.06 08:35 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يەمەن بىخەتەرلىك تارمىقى 4-يانۋار، شۇ كۈنىدىن باشلاپ كېچىدە يول يۈرۈش مەنئى قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. 3-يانۋار، ئادىن رايونىدىكى قوراللىق گۇرۇھ ئادىن پورتىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق قوراللىق قارشىلاشتى. يەرمەدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىخەتەرلىك تارمىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى 4-يانۋار مۇنداق دېدى: ئادىن رايونىدىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ داۋاملىق قارشىلىشىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن، ئادىن ئۆلكىسى ھەر كۈنى سائەت 20 دىن ئەتىسى سائەت 5 كېچە مەزكۇر ئۆلكىدە كېچىدە يول يۇرۇشنى مەنئى قىلىشنى قارار قىلدى. بۇ ئەمەلدار مۇنداق دېدى: كېچىدە يول يۈرۈشنى مەنئى قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويۇشىدىن مەقسەت، قانۇن ۋە تەرتىپنى قوغداپ، ئادىن پورتىنىڭ ئەتراپىدىكى قوراللىق گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر