خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (باي ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىدىن قۇربان مولنىياز خەۋىرى، فوتوسى) يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باي ناھىيەسى غەيرىي ماددىي مەدەنيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، قوغداش سالمىقىنى زورايتىش بىلەن بىرگە ۋارىسلارنى تەربىيەلەش، مەدەت بېرىپ راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ھازىر بۇ ناھىيەدە ئۇيغۇر پالاس توقۇش ھۈنەر سەنئىتى، ئوسما قۇيۇش، سايرام سەنىمى، كەكلىك سوقۇشتۇرۇش، سايرام قېتىقى، تاش تۇز ئويما قاچا-قۇچىلىقى قاتارلىق دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ساقلانماقتا.
سۈرەتتە: باي ناھىيە قېيىر يېزىسىدىكى 4-ئەۋلات پالاز توقۇش قول-ھۈنەر سەنئەت ۋارىسى پەرىدەم تۇردى (ئوتتۇرىدا) ئاياللارغا پالاز توقۇش قول-ھۈنەر سەنئىتىنى ئۆگەتمەكتە.
مەنبە: خەلق تورى