باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستاننىڭ پايتەختىدە بىر كۈن ئىچىدە ئىككى قېتىم ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

2016.01.06 08:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستاننىڭ پايتەخت كابۇلدا 4- يانۋار ئىككى قېتىم ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ھۇجۇم قىلغۇچى ئىككى كىشى قازا قىلدى، 30 كىشى يارىلاندى. شۇ كۈنى يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق پارتلىتىش كابۇل خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېقىن جايدا يۈز بەردى. بۇنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە: پارتلاش ئايرودۇرۇمىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان رايونىغا كېرىش ئېغىزىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى بىر كىشى بىر كىچىك يۈك ئاپتوموبىلدىكى بومبىنى پارتلاتقان، ۋەقە يۈز بەرگەن رايونغا يېقىن جايدىكى ماگىزىن ۋە ئۆيلەر ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ۋەيران بولغان. ئافغانىستان سەھىيە تارمىقىنىڭ باياناتچىسى تاراتقۇلارغا، نۆۋەتتە كابۇل شەھىرىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ يارىدار بولغان 30 كىشىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 9 بالا ۋە ئۈچ ئايال بارلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئافغانىستان تالىبانلىرى بۇ قېتىم ھۇجۇمنى ئۆزلىرىنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر