باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇ يوۋ يوۋ قاتارلىق مەشھۇر ئالىم مەڭگۈلۈك كىچىك سەييارە دېگەن نامغا ئېرىشتى

2016.01.06 14:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەشھۇر ئالىملارنىڭ ئالاھىدە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى رەسەتخانىسىنىڭ تەكلىپ بېرىشى ۋە خەلقئارا ئاسترونومىيە بىرلەشمىسىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق ئېلىمىزدىن 2015-يىلى نوبېل فىزىيولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇ يوۋ يوۋ بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي پەن تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شيە جيالىن، ۋۇ لياڭيوڭ، جېڭ جېمىن، جاڭ سۈنخاۋ مەڭگۈلۈك كىچىك سەييارە نامىغا ئېرىشتى. نام بېرىش مۇراسىمى 4-يانۋار بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندوڭ قاتناشتى ھەمدە بەش ئالىمغا كىچىك سەييارە نامى بېرىلگەن گۇۋاھنامە ۋە ھەرىكەتلىنىدىغان ئوربىتا مىس مېدالىنى ئايرىم ئايرىم تارقاتتى.

  ليۇ يەندوڭ مۇنداق دېدى: تۇ يوۋ يوۋ قاتارلىق ئالىملار ئېلىمىزنىڭ كونا ئەۋلاد پەن تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىدىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ،ھەر قايسى ساھەلەردە مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، پەن تېخنىكا ساھەسى بولۇپمۇ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.ئۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق پەن تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ كونا ئەۋلاد ئالىملارنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەنگە، خەلققە سادىق بولۇشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك مېھرى مۇھەببىتى، ئەستايىدىل ئەمەلىيەتچىل بولۇشتەك ئىلمىي پوزىتسىيەسى، كىشىلەرگە باشلامچى بولۇشتەك يېڭىلىق يارىتىش روھى، خالىس تۆھپە قوشۇشتەك ئالىي جاناب خىسلىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىش، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت ۋە پەن تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىگە قەدەم تاشلاشقا تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر