خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى) 2014-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە مەنىۋىي مەدەنىيىلىك قۇرۇلۇشىدىكى «ئەڭ پەزىلەتلىك ئاقسۇلۇق ياش» بولۇپ باھالانغان كۇچا ناھىيەسىنىڭ چىمەن بازىرى دابوز 4-كەنتدىكى بازار ۋە ناھىيە بويىچە ئىگىلىك تىكلەش ماھىرى ئابابەكرى كېرەم 6-يانۋار ئانا مەكتىپىگە كېلىپ ئۆز يېنىدىن 3000مىڭ يۈەن چىقىرىپ، بۇ مەكتەپتىكى ئۆگىنىشى ياخشى، ئائىلىسىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار 40نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئوقۇغۇچىلار سومكىسى، ئىسسىق ساقلاش قۇتىسى ۋە قۇلاق ئىسسىتقۇچ قاتارلىق بۇيۇملار بىلەن ھال سوراپ، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش روھىغا ئىلھام بەردى.
سۈرەتتە: 6-يانۋار ئابابەكرى ئوقۇغۇچىلارغا ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بەرمەكتە.
مەنبە: خەلق تورى