باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيەسى پۇختا قانات يايدۇرۇلۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى

2016.01.08 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋەر قىلىدۇ) ئۇچتۇرپان ناھىيەسى «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيە پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشنى نىشان، ئاساسى قاتلام ئۇلىنى مۇستەھكەملەشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدار قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

  بۇ ناھىيە «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيە پائالىيىتىنى «شىنجاڭچە ئالاھىدىلىك»كە ئىگە ياخشى كادىر ۋە «تۆتتە كۈچلۈك كادىر» قۇرۇش پائالىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دىموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كېڭىشىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىلمىي تەدبىر تۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈردى. ناھىيەلىك پارتكوم مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن مەركەزلىك ئۆگىنىپ، ناھىيە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىر ۋە ناھىيەدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بىلەن ئايدا ئىككى قېتىم مەركەزلىك ئۆگىنىش قىلىپ، ھەپتىدە بىر قېتىم كېڭەشمە يىغىن ئېچىپ، خىزمەت جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تېپىپ چىقىپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى مۇھاكىمە قىلدى. كەنت «ئىككى كومىتېتىنى يادرو قىلغان ئۈچ دەرىجىلىك ئايلانما سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، كەنت دەرىجىلىك بازىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشخانىلارنى مۇۋاپىق تەقسىم قىلىپ، «تۆتنى ئېچىۋېتىش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت كادىرلىرى ئوبوروت ئۆيىدىن 39 يۈرۈش، كەنت ئاھالىلەر مۇلازىمەت پائالىيەت مەركىزىدىن 29 يۈرۈش، مەھەللە پائالىيەت ئۆيىدىن 404 يۈرۈش سېلىپ، ناھىيەنىڭ پائالىيەت ئۆيى بىلەن قاپلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. «ئالتە قەدەملىك تەدبىر» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 30 نۇقتىلىق كەنت، توققۇز ئاسان غۇلاپ چۈشىدىغان كەنتنى تۈزەش خىزمىتىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىك كادىرلار كەنتنى ھۆددىگە ئېلىپ، يىللاردىن بويان ھەل بولماي، بېسىلىپ قالغان مەسىلىلەرنى تولۇق ھەل قىلىپ، كەنتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. ناھىيە دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار 35 مەيدان پارتىيە دەرسى سۆزلەپ، بەنزە ۋە شەخسلەردە ساقلانغان 992 پارچە مەسىلە رەتلەپ چېقىلىپ، 919 پارچىسى ئۆزگەرتىلدى. 8 قېتىم ئۈچ دەرىجىلىك كادىرلار بىرلەشمە يىغىنى، 11 قېتىم ناھىيەدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى يىغىنى چاقىرىپ، 84 نەپەر كەنت دەرىجىلىك غوللۇق كادىر يېتىشتۈرۈلدى. ھەر دەرىجىلىك خىزمەت ئەترىتى خەلق ئاممىسى ئۈچۈن 4721 قېتىم ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، 435 كىشىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردى.

  مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر