چاغان ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يۇرتىغا قاراپ ماڭغان موتوسىكلىت ئەترىتى 30-يانۋار سەھەر فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىشى شەھىرىدىن يولغا چىقتى. شۇ كۈنى جياڭشى، ئەنخۇي ۋە چۇڭچىڭلىق 2000دىن ئارتۇق دېھقان ئىشلەمچى 1200دىن ئارتۇق موتوسىكلىت بىلەن يۇرتىغا قاراپ ماڭدى. قەمەرىيە 21-دېكابىردىن چاغان ھارپىسىغىچە، فۇجيەن، جياڭشى، خۇبېي ۋە خۇنەن تۆت ئۆلكىدىكى 2000 دىن ئارتۇق ماي قاچىلاش پونكىتى چاغاندا يۇرتىغا قايتىدىغان بۇ «تۆمۈر ئاتلىق ئەسكەرلەر»نى ئارام ئېلىش ئۆيى، ھەقسىز يېقىلغۇ، ھەقسىز تاماق، ئۇسسۇزلۇق بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزىدۇ.