باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نەسىھەتكە قۇلاق سالماي ئايروپىلاندا تېلېفۇن بەرگەن يولۇچى بەش كۈن توختىتىپ قويۇلدى

2016.02.03 13:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر ساياھەتچى يېقىندا باڭكوكدىن خاربىنغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاندا نەسىھەتكە قۇلاق سالماي تېلېفۇن قىلىپ «پۇقرالار ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى» قاتارلىق بەلگىلىمىلەرنى خىلاپلىق قىلغانلىقتىن مەمۇرىي جەھەتتىن بەش كۈن توختىتىپ قويۇلغان.

  31-يانۋار، باڭكوك ـــ خاربىنغا ئۇچىدىغان CZ8424 نومۇر نۆۋەتچى ئايروپىلان تۆۋەنلەپ قونماقچى بولغاندا، سائەت 18 دىن 45 مىنۇت ئەتراپىدا، بىر ئايال يولۇچى تۇيۇقسىز تېلېفۇن قىلىشنى باشلىغان، ئايرۇپىلاندا كۆچمە تېلېفون قاتارلىق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغاچقا، بولۇپمۇ ئايروپىلاننىڭ قونۇش ھالقىلىق باسقۇچتا، ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتسە بىۋاسىتە ئايروپىلاندىكى يول باشلاش ۋە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىگە، ئايرۇپىلان ئۇچۇش مەشغۇلاتلىرىغا، پۈتكۈل ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرى ۋە يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرغان ئايروپىلان ساقچىلىرى ئۇنىڭ تېلېفونى ئېتىشىنى تەلەپ قىلغان. بىراق، بۇ يولۇچى نەسىھەتنى ئاڭلىماي داۋاملىق سۆزلەشكەن، ھەم پوزىتسيەسى قوپال بولغان. بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلان دەرھال يەر ئۈستى ئايرودرومى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئەھۋالنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان. سائەت 18 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئايروپىلان خاربىندا قونغاندا، ئايرودروم جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش خادىملىرى جىنايى ئىشلارغا چېتىشلىق يولۇچىنى ئايروپىلاندىن ئېلىپ چۈشكەن، ھەم ئايروپىلان خادىملىرى ۋە باشقا يولۇچىلاردىن ئەھۋال ئېگەللەپ دەلىل-ئىسپات ئالغان. ئايرودروم جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ يولۇچى«پۇقرالار ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى»، «ئامانلىق باشقۇرۇش جازالاش قانۇنى»نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، بەش كۈن مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدىكەن. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر