- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2015 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 23مىليون 600مىڭ ئادەمگە يەتتى
2016.02.03 13:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:2015 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 23مىليون 600مىڭ ئادەمگە كۆپىيىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 615مىڭ300 ئادەم كۆپەيدى.
1-فېۋرال، 2015-يىللىق شىنجاڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىندى. ئىستاتىستېكا قىلىنىشىچە، 2015-يىلىدا شىنجاڭ بويىچە نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى% 0.01559، نوپۇسنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %0.00451، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى %0.01108.
جىنس قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، ئەرلەر نوپۇسى 11 مىليون 97 مىڭ ئادەم، ئاياللار نوپۇسى 11 مىليون 63 مىڭ ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ جىنس نىسبىتى 102.92(ئاياللار 100). شەھەر-يېزا قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، بازارلاردىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس 11مىليون 15 مىڭ ئادەم، يېزا دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇس 12مىليون 45مىڭ ئادەم، شەھەر-بازار نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى % 47.2. پۈتۈن بىر يىلدا شەھەر-بازارلاردىكى تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى % 4 ئىچىدە كونترول قىلىنغان.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر