باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي بانكا، جۇڭگو بانكىچىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

چەك قويۇلمىغان شەھەرلەر تۇرالغۇ قەرزىنىڭ دەسلەپ تۆلەيدىغان ئەڭ تۆۋەن نىسبىتى ٪20 بولدى

2016.02.03 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق بانكىسى، جۇڭگو بانكىچىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى 2-فېۋرال، مۇۋاپىق تۇرالغۇ ئىستېمالىنى يەنىمۇ قوللاش، ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، «سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش» تەدبىرى يولغا قويۇلمىغان شەھەرلەردە ئاھالىلەر تۇنجى قېتىم ئادەتتىكى تۇرالغۇ سېتىۋېلىپ سودا خاراكتېرلىك شەخسىي تۇرالغۇ قەرزى ئالغاندا، پرىنسىپ بويىچە دەسلەپ تۆلەيدىغان پۇلنىڭ ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ٪25 بولىدىغانلىقى، جايلارنىڭ بەش پىرسەنت پوئىنىت تۆۋەنگە چۈشۈرسە بولىدىغانلىقى؛ بىر يۈرۈش ئۆيى بار ۋە مۇناسىپ ئۆي سېتىۋېلىش قەرزىنى ئۈزۈپ بولالمىغان ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم سودا خاراكتېرلىك شەخسىي تۇرالغۇ قەرزى ئېلىپ ئۆي سېتىۋالسا بولىدىغانلىقى، دەسلەپ تۆلەيدىغان پۇلنىڭ ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ٪30 بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

  ئېلىمىز ھازىر شەھەر-بازارلىشىشنىڭ تېز تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرىۋاتىدۇ، يېڭىدىن كۆپەيگەن شەھەر-بازار ئاھالىلىرى نۇرغۇن تۇرالغۇغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بولۇپمۇ دېھقان ئىشلەمچى قاتارلىق يېڭى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش يوشۇرۇن ئېھتىياجى نىسبەتەن چوڭ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تۇرالغۇ ئۆينى ياخشىلاش ئېھتىياجىمۇ كۈنسېرى ئاشماقتا، شۇڭا ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ يەنىلا مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىش ئاساسى بار. ساھە ئىچىدىكى زاتلار مۇنداق دېدى: شەخسىي تۇرالغۇ قەرز پۇلىنى تەڭشەش سىياسىتى مۇۋاپىق تۇرالغۇ ئىستېمال ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قوللاپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ شەھەرلىشىشى ئۈچۈن نۇقتىلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ، بۇ ھەم خەلق تۇرمۇشىغا پايدىلىق، ھەم مۇقىم ئېشىش چوڭ ئومۇمىيىتىگە پايدىلىق.

  ئەمەلىيەتتە، مەركىزىي بانكا قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بۇنىڭدىن بۇرۇنلا تۇرالغۇ قەرز سىياسىتىگە قارىتا بىر قاتار تەڭشەشلەرنى قىلغان. خەلق بانكىسى 2015-يىلى سودا خاراكتېرلىك شەخسىي تۇرالغۇ قەرزىنىڭ دەسلەپ تۆلەيدىغان ئەڭ تۆۋەن نىسبىتىنى ئىككى قېتىم تۆۋەنلىتىپ، مۇۋاپىق تۇرالغۇ ئىستېمالىنى قوللىدى ۋە رىغبەتلەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆي مۈلۈك بازىرى رايونلىرى بۆلۈنىشىنىڭ كۈنسېرى گەۋدىلىنىش ئەمەلىيىتىگە قارىتا، مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئۆزىنى تىزگىنلەش مېخانىزمىغا تايىنىپ ئۆزى تەڭشەيدىغان رايون خاراكتېرلىك تۇرالغۇ قەرز سىياسەت سىستېمىسى ئورناتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر