باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاغان مەزگىلىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار يەتتە كۈن ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ

2016.02.03 14:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بېجىڭ شەھىرىدىكى بارلىق ھەق ئالىدىغان تاشيوللار يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن(يەتتە كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئاپتوموبىللاردىن يۈرۈش ھەققى ئالمايدۇ، ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى 7-فېۋرال سائەت 0:00دىن 13-فېۋرال سائەت 24:00كىچە، ئاپتوموبىلنىڭ ھەق ئېلىش پونكىتى چىقىش ئېغىزىدىن چىققاندىكى ۋاقتى بويىچە بولىدۇ.

  ھەقسىز يۈرۈش مەزگىلىدە، كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللار مەخسۇس ھەقسىز يۈرۈش يولىدا كارتا تارقاتماي قويۇپ بېرىلىدۇ؛ ETC يولىدا ھازىرقى ئاپتوموبىل توختاتماسلىق ئۇسۇلى بويىچە قويۇپ بېرىلىدۇ، ھەقسىز كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆتۈش ھەققى نۆل بولىدۇ، ھەق تاپشۇرىدىغان ئاپتوموبىللاردىن نورمال ھەق ئېلىنىدۇ؛ باشقا ئادەتتىكى يوللار ھازىرقى كارتا ئېلىش، پۇل تاپشۇرۇپ ئۆتۈش ئەندىزىسىنى ساقلاپ، كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللاردىن ھەق ئېلىنمايدۇ. 13-فېۋرال سائەت 21:00دە كارتا تارقىتىش ئەسلىگە كېلىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك قاتناش كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، چاغانلىق دەم ئېلىشتا(7-فېۋرالدىن 13-فېۋرالغىچە) ھەق ئالىدىغان تاشيوللار قاتناش مىقدارىنىڭ 2015-يىلدىكىدىن ٪6.2 ئاشىدىغانلىقى، كۈندىلىك قاتناش مىقدارىنىڭ 1 مىليون 350 مىڭ ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى، قاتناشنىڭ بېسىق كۈنلىرىدە 1 مىليون 700مىڭغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر