باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەنزۇ تىلى رۇسىيە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا كىرگۈزۈلىشىدە ئۈمىد بار

2016.02.03 13:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:روسىيە فېدېراتسىيە مائارىپ ۋە ئىلىم - پەن نازارەتچىلىكى ئىدارىسى 1-فېۋرال مۇنۇلارنى جاكارلىدى: بۇ يىل دۆلەت بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا(جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئوخشاش ) خەنزۇ تىلىنى كىرگۈزۈش يەنە بىر قېتىم سىناق قىلىنىدۇ، ھەمدە سوئالىنى تەكشۈرەلەيدىغان مۇتەخەسسىنى تەربىيىلەيدۇ. ھازىر بۇ تارماق خەنزۇ تىلى دۆلەت بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىش لايىھىسى تۈزمەكتە، مۆلچەرلىنىشىچە، خەنزۇ تىلىنى رەسمىي ئىمتىھان پەنلىرىگە كىرگۈزۈشتە ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ.

  نۆۋەتتە، روسىيە دۆلەت بىر تۇتاش ئىمتىھانى چەت ئەل تىلى پەنلىرى ئىچىدە، ئوقۇغۇچىلار ئارزۇسى ۋە تولدۇرغان ئالى مەكتەپلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئىنگلىز تىلى، فىرانسوز تىلى، گېرمان تىلى ۋە ئىسپان تىلى ئىچىدىن بىرنى تاللاپ ئىمتىھان بەرسە بولىدىكەن. تەھلىل قىلىنىشىچە، چەت ئەل تىلى كەلگۈسى بىر قانچە يىل ئىچىدە چوقۇم ئىمتىھان ئېلىنىدىغان پەن بولىدىكەن. روسىيە دۆلەت بىر تۇتاش ئىمتىھان ئالىدىغان تور بېكىتى سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا ، 2015-يىلى مەملىكەت بويىچە 67مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچى چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىغا قاتناشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئىنگلىز تىلى ئەڭ كۆپ بولۇپ، تەخمىنەن 64 مىڭ ئادەم، گېرمان تىلى ۋە فرانسۇز تىلىنى تاللاپ ئىمتىھان بەرگەنلەر تەخمىنەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2000 ئادەم ۋە 1000 ئادەم بار ئىكەن، ئىسپان تىلى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 170 ئادەم. رۇسىيە« نۇقتىئىنەزەر گېزىتى»نىڭ قارىشىچە، بۇلتۇرقى« تەقلىدى ئىمتىھانى»غا قاتناشقان ئادەم سانىدىن قارىغاندا، خەنزۇ تىلىنى دۆلەت بىر تۇتاش ئىمتىھانىدا ئېلىنىدىغان پەنلەرگە كىرگۈزۈشتە ئېھتىماللىقى چوڭ. روسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى زاتلارمۇ بۇنى دەلىللىدى. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر