باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەلىبابا ساقچى تەرەپكە ياردەملىشىپ، ئامبارغا ئۈسۈپ بېقىش دېلوسىنى پاش قىلدى

2016.02.03 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ساقچى تەرەپ خاككىرلار قوزغىغان بىر قىتىملىق «ئامبارغا ئۈسۈپ بېقىش» دېلوسىنى ئەلىبابانىڭ ياردىمىدە پاش قىلدى. تۆنۈگۈن، ج خ مىنىسىتىرلىكى ئامانلىق باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە «تۆت رەزىللىككە زەربە بېرىپ، تۆت زىيانداشنى يوقىتىش» مەخسۇس ھەرىكەت ئىشخانىسىنىڭ ئورگان مىكرو بىلوگى ئۇچۇرىدا، جېجياڭ ساقچى تەرەپنىڭ ئەلىبابا بىخەتەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ دىلو تۇرغۇزۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بىر قېتىملىق «ئامبارغا ئۈسۈپ بېقىش» چوڭ دىلوسىنى پاش قىلغانلىقى ئېيتىلدى. جىنايەت گوروھى تاۋباۋنىڭ بولمىغان ھېسابات نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇر ئارقىلىق تاۋباۋغا قارىتا «ئامبارغا ئۈسۈپ بېقىش» ماسلاشتۇرۇش مەشخۇلاتى قىلىپ، ھېسابات تالىشىش قاتارلىق قاراڭغۇ كەسپ قىلمىشىغا ئىشلەتكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ دىلونىڭ چېتىشلىق سوممىسى ئىككى مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن.

  ئاتالمىش «ئامبارغا ئۈسۈپ بېقىش» دېگىنىمىز، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئىنتېرنېت تورىدا ئاشكارىلىنىپ قالغان ھېسابات نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇر بىلەن، يەنە بىر تور بېكەتكە كىرىشنى تۈركۈملەپ سىناق قىلىشتۇر. چۈنكى نۇرغۇن ئابونتلار ئوخشىمىغان تور بېكەتتە ئوخشاش ھېسابات نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرنى ئىشلىتىدۇ، شۇڭا «ئامبارغا ئۈسۈپ بېقىش»نىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى. بۇندىن بۇرۇن، توردا ئىلگىرى مەلۇم ئېلخەت ساندۇقىنىڭ نەچچە يۈز مىليون ھېسابات نومۇرى ئوغرىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر