باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۇرۇش رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى(1)

2016.02.02 15:18   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۇرۇش رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى(1)

  شى جىنپىڭ ھەر قايسى ئۇرۇش رايونلىرىغا ھەربىي بايراق ۋە يوليورۇق بەردى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي، جەنۇبىي، غەربىي، شىمالىي، ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۇرۇش رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى 1-فېۋرال بېيجىڭ «1-ئاۋغۇست» بىناسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شەرقىي، جەنۇبىي، غەربىي، شىمالىي، ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونلىرىغا ھەربىي بايراق بەردى ۋە يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى، جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى، غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى، شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى، ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇش، ئۇرۇش رايونلىرى بىرلەشمە ئۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتى قۇرۇشقا تەشكىللەش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك قارارى، ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك تەدبىرى، ئارمىيەمىزنىڭ بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشىدىكى تارىخىي ئىلگىرىلەش بولۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئۇرۇش قىلالايدىغان بولۇش، غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغداشتا مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00دا باشلاندى، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر رەتلىك تىزىلىپ دۆلەت شېئىرىنى ئېيتتى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى «1-ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىقىنى قوغداپ، ھۆرمەت قەدىمى بىلەن رەئىس سەھنىسى ئالدىغا كەلدى. شى جىنپىڭ ھەربىي بايراقنى بىر-بىرلەپ شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى ليۇ يۆجۈن، سىياسىي كومىسسار جېن ۋېيپىڭغا، جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى ۋاڭ جياۋچېڭ، سىياسىي كومىسسارى ۋېي لياڭغا، غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى جاۋ زۇڭچى، سىياسىي كومىسسارى جۇ فۇشىغا، شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى سۇڭ پۇشۈەن، سىياسىي كومىسسارى چۇ يىمىنغا، ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى خەن ۋېيگو، سىياسىي كومىسسارى يىڭ فاڭلۇڭغا بەردى. بەش ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى، سىياسىي كومىسسارى شى جىنپىڭغا سالام بەردى، شى جىنپىڭدىن قولىدىن ھەربىي بايراقنى ئېلىپ، بايراقنى تۇتۇپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ تۇردى. پۈتۈن مەيداندىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ھەربىي بايراققا تەنتەنىلىك ئېھتىرام بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ بايراق بېرىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دېدى: ئۇرۇش رايونىنىڭ زىممىسىگە ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىش بىخەتەرلىكى تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش، تىنچلىقنى قوغداش، ئۇرۇشنى توسۇش، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشتەك ۋەزىپە يۈكلەنگەن، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى ۋە ھەربىي ئىستراتېگىيە ئومۇمىيلىقىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق بۇيرۇق چۈشۈردى: ھەر قايسى ئۇرۇش رايونلىرى ۋەزىپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى، ھەربىي كومىتېتى ھەممىنى باشقۇرۇش، ئۇرۇش رايونى ئۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش، ئارمىيە تۈرلىرى ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولۇش ئومۇمىي پرىنسىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق، ئۇرۇش قىلىشقا ماھىر، ئۇرۇشقا يۇقىرى ئۈنۈمدە قوماندانلىق قىلىدىغان، ئۇرۇش قىلسا غەلىبە قىلىدىغان بىرلەشمە ئۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتى قۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…
      ·2016 -يىلى  يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى
      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى