- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئافرىقا ئەڭ ئېغىز قۇرغاقچىلىققا دۇچ كەلدى
2016.02.05 14:06 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئافرىقا يېقىندىن بۇيان ئەڭ ئېغىر ئىسسىق ۋە قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە دۇچ كەلدى، ئافرىقا يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق يىلنى باشتىن كەچۈرمەكتە. قۇرغاقچىلىق ئەڭ ئېغىر بولغان رايونلار جەنۇبى ئافرىقا، ماداغاسقار رايونى ئىكەن. يەر ئاستى تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان فرانسىيە رادار تېخنىكا ئورگىنىنىڭ باشلىقى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:«ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى <ناسا> 3 ئاي ئىلگىرى ئېغىر دەرىجىدە قۇرغاقچىلىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن، بىز ئالاقىدار تەرەپلەرنى بۇ ھەقتە تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىق قىلدۇق».
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئافرىقىدا يۈز بەرگەن قۇرغاقچىلىق شەرقى ئافرىقىدا ئاچارچىلىق نىسبىتىنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەپ بولماقتا، جەنۇبى ئافرىقىدا 14 مىليون كىشى ئاچارچىلىققا دۇچ كەلمەكتە. قۇرغاقچىلىق ئافرىقىلىقلارنىڭ ئەڭ زور كىرىم مەنبەسى بولغان يېزا-ئىگىلىك ساھەسىگە زور دەرىجىدە زىيان يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم قىلىشمۇ قىيىنلاشماقتا.
ب د ت باش كاتىبى بان كىمون يېقىندا ئىپوپىيە پايتەختى ئەددىس-ئەبىبەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئافرىقا ئىتتىپاقى يىغىنى» دا، ئافرىقىنىڭ شەرقى قىسمىغا جايلاشقان ئېفىئوپىيەنىڭ يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان ئەڭ ئىسسىق بىر مەزگىلنى باشتىن كەچۈرىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددى تەدبىر قوللىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئېفىئوپىيە ئافرىقىنىڭ نوپۇسى ئەڭ زىچ بولغان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، 10 مىليوندىن كۆپ كىشى ئىنسانىي ياردەمگە موھتاج ئەھۋالدا تۇرماقتا. ب د ت نىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقارقى سان بىر قانچە ئاي ئىچىدە جىددىي كۆپىيىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر