باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەز رەھبەرلىرى پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى

2016.02.06 12:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز رەھبەرلىرى پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى

  پېشقەدەم يولداشلارغا چاغانلىق سەمىمىي سالام يوللىدى، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ چاغاننى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىنى، تېنىنىڭ سالامەت، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى تىلىدى.

  پېشقەدەم يولداشلار بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تىكلەپ ۋە ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە جاپالىق كۈرەش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر