باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كېلىشىۋالغىنى بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن تېلېفونلاشتى

2016.02.06 09:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-فېۋرال كېلىشىۋالغىنى بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن تېلېفونلاشتى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن بىر بىرىدىن ھال سوراشتى ۋە بەخت تىلەشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلىشىشقا موھتاج، ھەمكارلىشىدىغان ئىشلىرى ناھايىتى كۆپ، جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن بىرگە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا، رايون ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  ئوباما مۇنداق دېدى، جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالېندارى بويىچە يېڭى يىل يېتىپ كەلگەن پەيتتە، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىدىن ناھايىتى خۇشالمەن، ئامېرىكا جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنى، ئىككى تەرەپنىڭ قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ يەنە بىر قېتىم يادرو سىنىقى قىلغانلىقى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشنى جاكارلىغانلىقىغا قاتتىق دىققەت قىلىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تەدبىر قوللۇنىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى، بۇ خىل ۋەزىيەتكە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئامېرىكا بۇ ئىشتا جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، نۆۋەتتە، يېرىم ئارال مۇرەككەپ ، نازۇك ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش نىشانىدا چىڭ تۇرىدۇ، سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىپ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۇ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرى ۋە خەلقئارا يادرو قوراللارنى كېڭەيتمەسلىك سىستېمىسىنى قوغدايدۇ ۋە ھىمايە قىلىدۇ، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى ساقلاشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر