خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى «2016-يىللىق نەۋباھاردا ئاساسىي قاتلامغا سەپەر» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ھەرقايسى ئاخبارات ئورۇنلىرى بەس-بەستە « نەۋباھاردا ئاساسىي قاتلامغا سەپەر» مەخسۇس سەھىپىسى، مەخسۇس تېما بېتى، مەخسۇس نۇسخىسى ئېچىپ، تەھرىر مۇخبىرلارنى ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈشكە تېز سۈرئەتتە ئۇيۇشتۇردى. چېگرا رايونلارغا بېرىش، كونا رايونلارغا كىرىش، ئاپەت رايونىنى زىيارەت قىلىش، زاۋۇت-كانلارغا چۈشۈش، دېھقانلار ئۆيلىرىگە كىرىش، قاراۋۇلخانىلارغا بېرىش ... كەڭ تەھرىر-مۇخبىرلار بەس-بەستە ئاساسىي قاتلامدىكى بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، خەۋەرنى كەڭ زېمىندا يېزىپ، ئىللىقلىقنى ئامما ئارىسىغا ئېلىپ كىردى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى