باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ بەش يىل ئىچىدە ئېھتىياجغا قاراپ تولۇقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ

2016.02.05 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوللاش پىلانى يولغا قويۇش چارىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەسلى مائارىپى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10مىڭ ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىدۇ. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئېھتىياجفا قاراپ تولۇقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يەسلى مائارىپى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگە 72مىڭ 600 ئوقۇتقۇچىنى تولۇقلاپ قوبۇل قىلدى.

  تولۇقلاپ قوبۇل قىلغان 72مىڭ 600 ئوقۇتقۇچى ئىچىدە، قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى 62 مىڭ 400 نى ئىگىلەپ، زور دەرىجىدە قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى يېتىشمەسلىك مەسىلىسى ھەل قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە شەھەر ۋە مەكتەپتە تەربىيەلەش«بەش بىر گەۋدە قىلىش»نى چىڭ تۇتۇپ، 266 مىڭ 500 ئادەم قېتىم ئوقۇتقۇچى تەربىيەلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى 73مىڭ 800 ئادەم قېتىم.

  بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايونىمىز 3700 ئادەم قېتىم ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ شۇجى، مۇدىرلىرىنى تەربىيەلىدى، 23 داڭلىق مەكتەپ مۇدىرلىرى ئىشخانىسى قۇردى؛ «ھەقسىز تەربىيەلەش، نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»چىڭ تۇرۇپ، ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن 17مىڭنى يېتىشتۈردى؛ 3600 نەپەر شەھەر، بازار ئوقۇتقۇچىسىنى تاللاپ، 65 مىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ئاساسىي قاتلامغا مائارىپقا ياردەم بېرىشگە ئەۋەتتى، ئىككى ناھىيەدە ئوقۇتقۇچىلار ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇش سىناق قىلىندى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر