باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شوپۇرلۇق ئىمتىھانى ئىسلاھاتىنىڭ يۈرۈشلەشكەن تۈزۈمى ئېلان قىلىندى

16 شەھەر 1-ئاپرېلدىن باشلاپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ بىۋاسىتە ئىمتىھان بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدۇ

2016.02.05 14:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 2015-يىلى 11-ئايدا ج خ مىنىستىرلىقى، قاتناش ترانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش، ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تەستىقلاپ تۆۋەنگە تارقاتتى. ج خ مىنىستىرلىقى «پىكىر»نىڭ تەلىپى بويىچە يۈرۈشلەشكەن تۈزۈملەرنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ج خ مىنىستىرلىقى، قاتناش ترانسپورت مىنىستىرلىقى، جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش كومىتېتى بىرلىكتە «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، بىۋاسىتە ئىمتىھان بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى، ج خ مىنىستىرلىقى، قاتناش ترانسىپورت مىنىستىرلىقى بىرلىكتە «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش، ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى. يۈرۈشلەشكەن تۈزۈملەر 1-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، بىۋاسىتە ئىمتىھان بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئالدى بىلەن تيەنجىن، باۋتوۋ، چاڭچۈن، نەنجىڭ، نىڭبو، مائەنشەن، فۇجۇ، جىئەن، چىڭداۋ، ئەنياڭ، ۋۇخەن، نەننىڭ، چېڭدۇ، چيەندۇڭنەن، دالى، باۋجى قاتارلىق 16 شەھەردە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى 2016-يىلى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر