باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى چاغاندىن ئىلگىرى بىخەتەرلىك تەكشۈردى

2016.02.05 13:56         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى 2 - فېۋرالدىن 4 - فېۋرالغىچە 11 گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ نۇقتىلىق ساھە ۋە كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، چاغانلىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، تارماقلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، چاغان ۋە مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چاغاننى خۇشال - خۇرام، خەيرلىك ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي تەكشۈرۈش ئەترىتىنى باشلاپ جەنۇبىي ۋوگزالغا كېلىپ بىخەتەرلىك تەكشۈردى. خۇاڭ ۋېي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۆمۈريول ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش زالى، بېلەت سېتىش چوڭ زالى، ۋوگزالغا كىرىش ئېغىزى ۋە پويىز كۈتۈش زالىغا كېلىپ بىخەتەرلىك تەكشۈردى، جەنۇبىي ۋوگزال مەيدانىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خەلق ساقچىلىرىدىن ھال سورىدى، تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ تۈرلۈك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەسلىھەلىرى ۋە بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى يولۇچىلار مىقدارىنى ئىگىلىدى، تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەدبىرلىرىنى سۈرۈشتۈردى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى غانىبات سابۇكەي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىنجاڭ «ئۆملۈك» گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى ۋە باۋشەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھى شىنجاڭ «1 - ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئالدىنقى سېپىگە بېرىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى. شىنجاڭ «ئۆملۈك» گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پىروكاتلاش سېخىدا غانىبات سابۇكەي سېخ ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى، ئوت بىخەتەرلىك باشقۇرۇشىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەكشۈردى. باۋشەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھى شىنجاڭ «1 - ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتىدە غانىبات سابۇكەي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى نۇقتىلىق ھالدا كۆمۈر گازى مەشغۇلات رايونى ۋە يۇندى بىر تەرەپ قىلىش مەشغۇلات رايونىنى تەكشۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىن تۇنىياز ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئارقىدىنلا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 66 - ئوتتۇرا مەكتەپكە كېلىپ، قىشلىق تەتىلدىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىش قىلىۋاتقان رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى يوقلىدى ھەم مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى تەكشۈردى.

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «ۋەننيەن 101» چاغانلىق پوجاڭزا سېتىش نۇقتىسىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چيەن جى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈردى. چيەن جى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى يەنە شىنجاڭ «پاكلان» مۇسۇلمانچە يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈردى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى داگاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىنجاڭ «تۇڭيى» كارخانىسى يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، كارخانىنىڭ ئىچىملىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى تەكشۈردى. ئارقىدىن دۆڭكۆۋرۈك «خەلقئارا» چوڭ بازىرىنىڭ قۇرۇق مېۋە بازىرى ۋە گېلەم بازىرىغا كېلىپ، نەق مەيداندا ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

  ئەنەنچۈ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش نۇقتىسى ئوتۇنكوزا(ۋۇجياچۈ)، سانجى قاتارلىق شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكىلەر ئۈرۈمچىگە كىرىپ - چىقىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگۈنىنىڭ بىرى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇ چاڭجيې تەكشۈرۈش ئەترىتىنى باشلاپ، بۇ تەكشۈرۈش نۇقتىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ئارقىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دوستلۇق يولى ساقچى مۇلازىمەت پونكىتىنى تەكشۈردى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇتەللىپ قاسىم تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز (گۇرۇھى) پاي چەكلىك شىركىتى ۋاڭجياگۇ باش پونكىتى ۋە جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە شىركىتىگە بېرىپ، چاغاندىن ئىلگىرىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈردى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دۆڭكۆۋرۈك مەسچىتى، قىزىلتاغ مەسچىتىگە بېرىپ، خەتەردىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى تەكشۈردى. جارۇللا ھېسامىدىن مەسچىتنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈردى.

  «قاراقۇرۇم» مۇھىت ئاسراش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى ئۈرۈمچى شىمالىي شەھەر ھاسىلىي سۇ چەكلىك شىركىتىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماغاۋ سىيىتقامزا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كارخانىنىڭ قۇرۇلۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئەتراپلىق سۈرۈشتۈردى، كارخانىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن چاغاندىن ئىلگىرىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە ماغاۋ سىيىتقامزا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يوقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياشانغانلارغا يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزدى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېننىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى پەرھات جالالىدىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسى، شىنجاڭ «يىندولەن» ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى پاي چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، چاغاندىن ئىلگىرىكى بىخەتەرلىكنى تەكشۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر