باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز 2015-يىلى 3-قېتىم كۆزەتكەن 31 ئورۇنغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى

پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىزلاش، پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەرلىك بولماسلىق، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سالمىقى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق ئورتاق مەسىلىلەر ساقلانغانلىقى بايقالدى

2016.02.05 14:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور پونكىتى 4-فېۋرال مەركەز 2015-يىلى 3-قېتىم كۆزەتكەن 31 ئورۇنغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئەھۋالىنى ئېلان قىلغان.

  مەركەزنىڭ تەستىقى بىلەن، مەركەز 2015-يىلى 3-قېتىم مائارىپ مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن سەنشيا قۇرۇلۇشى كومىتېتى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش قۇرۇلۇشى كومىتېتى ئىشخانىسى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، دۆلەت مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى، دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، جۇڭگو بانكىچىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، جۇڭگو ئاكسىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، دۆلەت تاشقى پېرېۋوت ئىدارىسى، جۇڭگو مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو «جۇڭشىن» گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو «گۇاڭدا» گۇرۇھى پاي شىركىتى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى، قاتناش بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى(گۇرۇھى) شىركىتى، جۇڭگو خەلق سۇغۇرتا گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ئامانلىق سۇغۇرتىسى گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭگو ئېكسپورت ئىناۋەتلىك سۇغۇرتا شىركىتى، شاڭخەي ئاكسىيە بازىرى، شېنجېن ئاكسىيە بازىرى قاتارلىق 31 ئورۇننى مەخسۇس كۆزەتتى. مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 31-يانۋاردىن 3-فېۋرالغىچە يۇقىرىدىكى ئورۇنلارغا كۆزىتىش پىكرىنى ئىنكاس قايتۇردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر