باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق رەھبەرلەر پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

2016.02.05 13:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغان كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 4 - فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن قاتارلىقلار بىلەن بەش گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئۇلارغا چاغانلىق سالام يوللىدى، ئۇلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن قوشقان زور تۆھپىلىرىگە رەھمەت ئېيتتى، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى تىلىدى!

  سىرتتا قار - مۇز بولسىمۇ، ئۆينىڭ ئىچى ئىللىق بولۇپ، چاي ۋە پېچىنە - پىرەنىكلەرنىڭ خۇش ھىدى تارقىلىپ، كۈلكە - چاقچاقلار ياڭرىماقتا ئىدى، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئۆيلىرى قويۇق بايرام تۈسىنى ئالغانىدى.

  جاڭ چۈنشيەن شاۋكەت ئىمىن، ما شۆجۈن، جارۇللا ھېسامىدىن قاتارلىقلار بىلەن بىللە لى فېڭزى، چېن دېمىن، فۇ چياڭ، ۋۇ دۇنفۇ، ۋۇ جياخېنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ئۇلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئۇلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى بىلدۈردى. پېشقەدەم يولداشلار شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە كەلگۈسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇلار مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىگە نىسبەتەن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە، ئۇلار ئەتراپىدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە سۆزلەشتى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە بولغان تولۇق ئىشەنچىنى ئىپادىلىدى.

  جاڭ چۈنشيەن لى فېڭزىنىڭ ئۆيىگە كىرىپلا ئۇنىڭدىن ۋە ئائىلىسىدىكىلەردىن تىنچلىق سورىدى. 77 ياشقا كىرگەن لى فېڭزى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ۋەزىيىتى شۇنچە مۈشكۈل پەيتتىمۇ پېشقەدەم يولداشلارنى ياد ئەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، لى فېڭزى ھاياجانلانغان ھالدا قۇتلۇق قەدەھنى سۇندى، جاڭ چۈنشيەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىپ، باي، ئىناق، خاتىرجەم بولۇشىنى تىلەپ قەدەھ كۆتۈردى!

  ۋۇ دۇنفۇ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن «شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي تارىخى»نى يېزىشقا قاتنىشىۋاتاتتى. ئۇ جاڭ چۈنشيەننىڭ قولىنى چىڭ تۇتقىنىچە، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: 2015 - يىلى ئەھمىيەتلىك بىر يىل بولدى، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەبرىكلەندى. بۇ يىل يەنە مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلدى، بۇنىڭدىن چەكسىز پەخىرلەندىم.82 ياشلىق ۋۇ جياخې ناھايىتى روھلۇق بولۇپ، ئىشىك ئالدىغا بالدۇرلا چىقىپ كۈتۈپ تۇرغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىدىغان كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەر جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەن ياشىنىپ قالغان بولساممۇ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق رولۇمنى جارى قىلدۇرىمەن.

   75 ياشلىق چېن دېمىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ پېشقەدەم يولداشلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. ئۇ: «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، كەلگۈسى تەرەققىيات كىشىنى تېخىمۇ ئىنتىزار قىلىدۇ، دېدى. جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بىز داۋاملىق ئاساسنى پۇختىلاپ، ئاممىنى تولۇق سەپەرۋەر قىلىپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەندىكىلەر بىر نىيەتتە بولۇپ، تىرىشىپ شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

  ھال سوراش جەريانىدا، جاڭ چۈنشيەن پېشقەدەم يولداشلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقىنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىدا ياراتقان مۇھىم تۆھپىلىرىگە رەھمەت ئېيتىپ، تەستە قولغا كەلگەن بۇ نەتىجىلەرگە پېشقەدەم يولداشلارنىڭمۇ تىرىشچانلىقى سىڭگەن، دېدى. جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ باشلانغان يىلى، ئاپتونوم رايون مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسى ۋە تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ كۆزلەش ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە يېڭى سەھىپىلەرنى يارىتىپ، يەنە شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك! پېشقەدەم يولداشلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە داۋاملىق ئەقىل - پاراسەت كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

  شۆھرەت زاكىر، خۇاڭ ۋېي، لى شۆجۈن، ماغاۋ سېيتقامزالار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، شيې فۇپىڭ، رېن گېبەي، شۈ پېڭ، بادەي، فېڭ داجېنلارنى يوقلىدى. شۆھرەت زاكىر پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىغا كۆڭۈل بولۇپ، قوللىغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا دۆلىتىمىزدە ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش بېسىمى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان ئەھۋالدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، «12 - بەش يىل»نى غەلىبىلىك تاماملىدى. «13 - بەش يىل»نىڭ يېڭى پەللىسىدە، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى داۋاملىق قوللاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىياتىغا كۆپرەك قىممەتلىك پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  نەيىم ياسىن، جۇ خەيلۇن، ئەركىن تۇنىيازلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ لى گۇيماۋ، ۋېن كېشياۋ، ليۇ شۇاڭچۈەن، گو گاڭ، جياڭ شەن، جاڭ سىشۆ، چېن جىنچىلارنى يوقلىدى. نەيىم ياسىن ھەر بىر پېشقەدەم يولداشنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇلارغا چىن قەلبىدىن شادلىق، سالامەتلىك، بەخت تىلىدى. نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ تۇنجى يىلى، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئاۋۋالقىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە قوللاپ، ئورتاق تىرىشىپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  نۇرلان ئابىلمەجىن، شيۇڭ شۈەنگو، جۇ چاڭجيې، مۇتەللىپ قاسىملار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۇربايىر، شيۇڭ خۇييىن، نيۇ چىيىلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، پېشقەدەم يولداشلارغا چاغانلىق سالام يوللىدى ۋە گۈزەل تىلەكلەرنى بىلدۈردى. نۇرلان ئابىلمەجىن پېشقەدەم كادىرلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراپ، پائال ئەقىل كۆرسىتىپ، قىممەتلىك تەكلىپ - پىكىرلەرنى كۆپرەك بېرىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تۆھپە ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  چې جۈن، لى ۋېي، غانىبات سابۇكەي، شى داگاڭلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دۇ چىنرۇي، تاڭ گۇاڭسەي، جىن يۈنخۇي، جاڭ خېڭ، لى دۇڭخۇيلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن پېشقەدەم يولداشلارنىڭ چاغىنىنى قۇتلۇقلىدى. چې جۈن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، ياخشى بولدى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تېخىمۇ كۈچەيدى، بۇ نەتىجىلەر پېشقەدەم يولداشلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى، چاغاننى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر