باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاغان مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىككى قېتىم سوغۇق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ

2016.02.05 13:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گەرچە چاغان يىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى يەنىلا رايونىمىز ھاۋاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. چاغان مەزگىلىدە، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئىككى قېتىم قار يىغىپ تىمپىراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن. قار يېغىش، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش قاتناش ۋە ئاممىنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىدىكەن. چاغان مەزگىلىدە، تېمپېراتۇرا ئاۋۋال يۇقىرى، كېيىن تۆۋەن بولىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن كەلگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، چاغان مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئاۋۋال يۇقىرى، كېيىن تۆۋەن بولىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا 5 سېلسىيە گىرادۇستىن 8 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن. سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە، مۆلچەرلىنىشىچە 2016 - يىللىق چاغان مەزگىلىدە (7 - فېۋرالدىن 13 - فېۋرالغىچە) ئىككى قېتىم قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن.

  بىرىنچى قېتىم 8 - فېۋرال كېچىدىن باشلاپ 10- فېۋرالغىچە كۈچلۈك بىر سوغۇق ئېقىم شىمالىي شىنجاڭ رايونىغا تەسىر كۆرسىتىپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا روشەن تۆۋەنلەيدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي، ئالتاينىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قېلىن قار ياغىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزىدا توققۇز بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن. 30 چاقىرىملىق، 100 چاقىرىملىق شامال رايونىدىكى شامال كۈچى 10 بالدىن 11 بالغىچە يېتىدىكەن، تېمپېراتۇرا 5 سېلسىيە گىرادۇستىن 8 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن، چۆچەكنىڭ شىمالى، ئالتاينىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 10 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن.

  ئىككىنچى قېتىم 11- فېۋرالدىن 13- فېۋرالغىچە كۆرۈلىدىغان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئازراق قار ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر، قىزىلسۇ قىرغىزئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ قاتارلىق رايونلارنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئازراق قار ياغىدۇ، قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇرا ھال قار ياغىدۇ، تېمپېراتۇرا 5 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ. چاغاننىڭ باشقا مەزگىللىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا ھاۋا ئوچۇق ياكى ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ، شىمالىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەنلىكتىن، قار يېغىش ۋە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەشتىن كىلىپ چىقىدىغان قاتناش ۋە ئاممىنىڭ يول يۈرۈشىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر