باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ چاغان ھارپىسىدا جياڭشى ئۆلكىسىگە بېرىپ كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە سالامەتلىك، شادلىق، بەخت تىلىدى

2016.02.04 16:41   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ چاغان ھارپىسىدا جياڭشى ئۆلكىسىگە بېرىپ كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

  ئىسلاھات تەرەققىيات ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنىڭ كۈنسايىن ياخشىلىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى

  شى جىنپىڭ 2-فېۋرال جىڭگاڭشەن شەھىرى ماۋپىڭ يېزىسى شېنشەن كەنتىگە بېرىپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىغا بەخت، مايمۇن يىلىنىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى تىلىدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى، قەمەرىيە كالېندارى بويىچە مايمۇن يىلىدىكى چاغان يېتىپ كېتىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جياڭشى ئۆلكىسىگە بېرىپ، كادىرلار، ئامما ۋە جياڭشى ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى كوماندىر-جەڭچىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھەل سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە سالامەتلىك، شادلىق، بەخت تىلىدى، ئىسلاھات، تەرەققىيات ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنىڭ كۈنسايىن ياخشىلىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس خادىملىرىنىڭ چاغىنىنى قۇتلۇقلىدى.

  1-فېۋرالدىن 3-فېۋرالغىچە، شى جىنپىڭ جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چياڭ ۋېي، ئۆلكە باشلىقى لۇ شىنشېنىڭ ھەمراھلىقىدا جىئەن، جىڭگاڭشەن، نەنچاڭ قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، يېزا، كەنت، كارخانا، مەكتەپ، مەھەللە، ئىنقىلابىي بازىلاردىكى خاتىرە مەيدان-سارايلارغا بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى، مەركەزنىڭ يۆلەش-ئېچىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى، مەركەزنىڭ شەھەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى، كادىرلار ۋە ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاغانلىق تىلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ 1-فېۋرال چۈشتىن كېيىن ئايروپىلان بىلەن جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىئەن شەھىرىگە كەلدى، ئارقىدىن ئاپتوموبىلدا جىڭگاڭشەنگە كەلدى. يول بويى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، ئىنقىلابىي كونا ئازاد رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى سورىدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا چوقۇم ئىنقىلابىي كونا ئازاد رايونلارنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلىدى.

  شى جىنپىڭ 2-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن جىڭگاڭشەندىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنى يوقلىدى. ئىنقىلابىي قەھرىمانلارغا گۈل تەقدىم قىلدى ھەم ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى. شى جىنپىڭ كۆرگەزمىخانا ۋە ماتەمخانىدا دۆلەتنىڭ پېشقەدەم ئاساسچىلىرى ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ رەسىملىرىگە قاراپ چوڭقۇر ئېھتىرام بىلەن مۇنداق دېدى: جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي تاغ، جەڭگىۋار تاغ، شۇنداقلا قەھرىمان تاغ ۋە شەرەپلىك تاغ، ھەر قېتىم بۇ يەرگە كېلىپ ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنى ئەسلىگىنىمىزدە، ئىدىيەمىز يېڭىلىنىدۇ، قەلبىمىز ھاياجانغا تولىدۇ. بىز ئىنقىلابىي قەھرىمانلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرۈشىمىز، ئۇلارنى مەڭگۈ ياد ئېتىشىمىز، ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز، ئۇلارنىڭ ئىنقىلابىي ئىرادىسىگە ياخشى ۋارسلىق قىلىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…
      ·2016 -يىلى  يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى
      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى