باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سابىق دائىمىي ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خې جياتيې ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلىنىپ، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

2016.02.05 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى _ تەپتىش مىنىستىرلىكى تورى 4-فېۋرال: ئالدىنقى كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سابىق دائىمىي ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خې جياتيېنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا دىلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى تارقاتتى.

  تەكشۈرۈلۈشىچە، يولداش خې جياتيې پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرى بولۇپ تۇرۇقلۇق، بولۇپمۇ مەركەز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولغان مەزگىلدە سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، تەكشۈرۈش خىزمىتى مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي خانىلارغا كىرگەن، ئومۇمنىڭ پۇلى بىلەن شەخسىي ئىستېمالغا پۇل تۆلىگەن. «ج ك پ ئىنتىزام بىر تەرەپ قىلىش نىزامى»» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە، ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشى ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، يولداش خې جياتيېغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، نازارەت دەرىجىلىك، رەھبەر بولمىغان ۋەزىپىگە چۈشۈرۈش جازاسى بېرىلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر