لاۋروف: رۇسىيە سۇرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا ھاۋادىن زەربە بېرىشنى توختاتمايدۇ
2016.02.05 14:09 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئوماندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف تۈنۈگۈن ئوماننىڭ پايتەختى ماسخاتتا: رۇسىيە سۇرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا ھاۋادىن زەربە بېرىشنى توختاتمايدۇ دېدى. لاۋروف تۈنۈگۈن ئوماننىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەزىرى ئالاۋى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى سۇرىيەدە ھەرىكەت قىلماقتا، رۇسىيەنىڭ ھازىر ئۇلارغا قاراتقان ھاۋا زەربىسىنى توختىتىشقا باھانىسى يوق.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر