- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭدا كوللېكتىپ نوپۇسنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ
2016.02.05 13:34 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 4- فېۋرال ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1 ـ يانۋاردىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ قارمىقىدىكى ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ئىختىساسلىقلارنىڭ كوللېكتىپ نوپۇسىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ھەققى ( تىجارەت خاراكتېرلىك مۇلازىمەت ھەق ئېلىش)نى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئىختىساسلىقلارنىڭ كوللېكتىپ نوپۇسى بولسا، نوپۇسى بىلەن كادىرلار ئارخىپىنى بىللە ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى كوللېكتىپ ئىسچوتىدا ساقلىغان تۇراقسىز نوپۇسنى كۆرسىتىدۇ. خىزمەت ئورنىنىڭ كوللېكتىپ نوپۇسى يوق، شۇنداقلا ئۆزى مۇستەقىل نوپۇس تۇرغۇزۇش ياكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ نوپۇسىغا ئالدۇرۇش قاتارلىق نوپۇسقا ئېلىش شەرتىنى ھازىرلىمىغان بولسا، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك كوللېكتىپ نوپۇس باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر