باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر تىنچلىق سۆھبىتى شەرتىگە قايتىپ كېلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2016.02.05 14:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى رىياد ھىجاب 3-فېۋرال مۇنداق دېدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۇرىيە مەسىلىسى جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتى ۋاقىتلىق توختىتىلغاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئەھۋالىنى ياخشىلاش ۋە ئۇرۇش توختىتىش قارارى ئەمەلىيلەشمەيدىكەن، ئۇنداقتا ئۆكتىچى گۇرۇھ تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلىمايدۇ. ھىجاب مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆكتىچى گۇرۇھ ۋەكىللەر ئۆمىكى 4-فېۋرال جەنۋەدىن ئايرىلىدۇ. شۇ كۈنى سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەت كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى مۇسراتا تاراتقۇدا بايانات ئېلان قىلىپ، 4-فېۋرال ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سۇرىيەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىدىغان خەلقئارا جەمئىيەت ۋەكىللىرىنىڭ سۇرىيەلىكلەرنىڭ ئازاب ئوقۇبىتىنى يېنىكلىتىشتە تېخىمۇ ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر