- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: 32 دۆلەت ۋە رايوندا زېكا ۋىرۇسى بايقالدى
2016.02.05 14:09 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 3-فېۋرال دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: 2015-يىلىدىن باشلاپ، ئامېرىكا قىتئەسى، غەربىي تىنچ ئوكيان، ئافرىقا ھەمدە ئاسىيادىكى 32 دۆلەت ۋە رايوننىڭ دوكلاتىدا زېكا ۋىرۇسى بايقالدى، ئارامگاھ مالدىۋىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى يۇقۇم ئەھۋالى دوكلاتىغا قارىغاندا، ئامېرىكا قىتئەسىدە زېكا ۋىرۇسى يامرىغان دۆلەت ۋە رايونلار كېڭىيىپ 26 گە يەتكەن. 2015-يىلى بىرازىلىيە تۇنجى قېتىم زېكا ۋىرۇسىنى دوكلات قىلغاندىن بۇيان، ئوتتۇرا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ھەمدە كارپ رايونىدىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلاردىمۇ كەينى كەينىدىن يۇقۇم پەيدا بولدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر