خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لى كېچياڭ 2-فېۋرال «جىخۇي» نىڭشيا ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە مەركىزىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى ئاممىنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خۇشال-خۇرام، تىنچ-ئامان چاغان ئۆتكۈزۈشىنى تىلىدى. ئاپتونوم رايوندىكى كىشىلەر«جىخۇي» نىڭشيانىڭ «بۇلۇت سۇپىسى» بىلەن ۋوگزال، شەھەر ئاھالىلىرى مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق جايلاردىكى ئون نەچچە چوڭ ئېكران ۋە مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار ئابونتلىرى ئارقىلىق زۇڭلىنىڭ چاغانلىق تىلىكىنى تاپشۇرۇۋالدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى