خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى): يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى، مائارىپ تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى، مەملىكەت دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچى، تونۇلغان داڭلىق مائارىپچى تۇرسۇنجان ھەسەن مۇئەللىم بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىيىمىسى دىن تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى نۇرمۇھەممەد توختىلار يېڭىشەھەر يېزىسىغا كېلىپ، ئاممىغا«ئەسەبىيلىكنى تۈگىيتىش، پەرزەنت تەربىيەسى ۋە دىن ئىشلىرى نىزامى توغرىسىدا» مول مەزمۇنلۇق لېكسىيە سۆزلىدى. لېكسىيەگە يېزا تەۋەسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلار، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئېتىقادچى ئامما، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋە يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
سۈرەتتە: ھەرساھە ھەر كەسىپتىكىلەر لىكسىيە ئاڭلىماقتا.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى