باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتىھانىنىڭ لاياقەتلىك نومۇر چېكى بېكىتىلدى

شىنجاڭ بويىچە 1710ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا قاتناشتى

2016.01.29 14:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 28- يانۋار ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتىھانىنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش، نومۇر خاتىرىلەش خىزمىتى يېقىندا ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشقان. بۇ يىل جەمئىي 1710ئوقۇغۇچى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەر بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتناشقان.

  شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتىھانىدىكى ھەر قايسى كەسپلەرنىڭ ( مۇزىكا ئىلمى، مۇزىكا ئورۇنداش، مۇزىكا ئىجادىيىتى ۋە مۇزىكا ئىجادىيەت نەزەرىيىسى ) لاياقەتلىك نومۇر سىزىقى يېقىندا بېكىتىلدى. مۇزىكا ئىلمى، مۇزىكا ئىجادىيىتى ۋە مۇزىكا ئىجادىيەت نەزەرىيىسى كەسىپىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكى 110نومۇر، مۇزىكا ئورۇنداش كەسىپىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نومۇر سىزىقى چېكى 105نومۇر بولغان. ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت كەسپىگە بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتى تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەر بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھان لاياقەتلىك ئۆلچىمى تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس دەپ ئايرىلمايدۇ.

  ئىمتىھان بەرگۈچىلەر مۇزىكا كەسپى بىر تۇتاش ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى ئۇچۇرىنى بىلمەكچى بولسا، 29- يانۋار بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11دىن باشلاپ، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn) دىكى ئەسكەرتىشكە ئاساسەن سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى پات ئارىدا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتىغا مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسىنى ئەۋەتىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر