باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگودىن ئوتتۇرا شەرققە تۇنجى يۈك پويىزى قاتنىدى

2016.01.29 14:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  28-يانۋار سائەت 10 دىن 36 مىنۇت ئۆتكەندە ئىراننىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ باش كونسۇلى ئىۋاش بىلەن نۇرغۇن جۇڭگولۇق دوستلار يىۋۇدىن تېھرانغا ماڭغان جېجياڭ يىۋۇدىن ئېكسپورت قىلىنغان لىق كىچىك تاۋارلار قاچىلانغان تۇنجى يۈك پويىزىنىڭ يىۋۇدىن يولغا چىقىشىغا شاھىت بولدى، بۇ پويىز شىنجاڭنىڭ ئالاتاۋ ئېغىزىدىن چىقىپ، قازاقىستان، تۈركمەنىستاندىن ئۆتۈپ، ئىراننىڭ پايتەختى تېھرانغا يېتىپ بارىدۇ، بۇ جۇڭگودىن تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرا شەرققە قاتنىغان نۆۋەتچى يۈك پويىزى.

  يىۋۇ ـ تېھران پويىزىنى قاتناشقا سالغۇچى تەرەپ، تيەنمېڭ ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى فېڭ شۈبىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتچى پويىز جەمئىي 4 دۆلەتتىن ئۆتۈپ،ئىلگىرى كېيىن ئىككى قېتىم رېلىس ئالمىشىدىكەن، ئومۇمىي مۇساپىسى 10399 كىلومېتىر بولۇپ، تەخمىنەن 14 كۈن يۈرىدىكەن، بۇ پويىز يەنە جۇڭگو ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، جۇڭگو ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزىدىن كېيىن يىۋۇدىن يەنە بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەرگە بىۋاسىتە قاتنىغان يېڭى يىپەك يولى پويىزىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر