باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسمىدىكى پېشقەدەم كادىرلاردىن ھال سوراش، چاغاننى كۈتۈۋېلىش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ ئارمىيەدىكى پېشقەدەم يولداشلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى

2016.01.29 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسمىدىكى پېشقەدەم كادىرلاردىن ھال سوراش، چاغاننى كۈتۈۋېلىش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى 28-يانۋار بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كېچىلىككە قاتناشتى، نەق مەيداندىكى پېشقەدەم يولداشلار، قىسىمدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارغا چاغانلىق سالام يوللىدى ۋە تىلەك تىلىدى.

  جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مايمۇن يىللىق چاغىنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مىللىي مۇستەقىللىق، ئازادلىق ۋە دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان، دۆلەت ۋە ئارمىيەنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى پېشقەدەم كادىرلار بىر يەرگە جەم بولدى. ئۆتكەن بىر يىلدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم تەرتىپكە سېلىش، ئۇرۇش تەييارلىقى، ئىسلاھات، پىلانلاشنى چىڭ تۇتتى. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈردى، سىياسىي ئارقىلىق ئارمىيە قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، قانۇن ئارقىلىق ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشتەك يېڭى سەھىپىنى ئاچتى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى بىر يىلدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى بولۇپمۇ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر