باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>لى كېچياڭ

لى كېچياڭ مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان پىروگراممىسىغا بولغان تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى

جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

2016.01.29 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 26-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن جۇڭنەنخەيدە سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ۋەكىللىرىنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(تەكلىپ-پىكىر ئېلىش تېزىسى)» ۋە «<13- بەش يىللىق> يىرىك پىلان پىروگراممىسى(دەسلەپكى لايىھەسى)( تەكلىپ-پىكىر ئېلىش تېزىسى) »غا بەرگەن تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى.

  يىغىندا، سەككىز ۋەكىل ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشىگە، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلىدىغان دوكلات بىلەن «13-بەش يىل» يىرىك پىلان پىروگراممىسىدىكى ئالاقىدار مەزمۇنلارنى مۇزاكىرە قىلىشقا باغلاپ قاراشلىرىنى سۆزلىدى ۋە تەكلىپ بەردى. لى كېچياڭ ئۇلار بىلەن پىكىرلىشىپ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە چوقۇم تەرەپلەرنىڭ ساداسىغا تولۇق قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئومۇميۈزلۈك گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. كۆپچىلىك بۈگۈن بەرگەن تەكلىپ-پىكىرلەر ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىگە ۋە ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇشتا مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە.

  تيەنجىن كەسپى تېخنىكا پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن مېڭ چىڭگو ئوتتۇرا غەربىي رايون بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار رايونلاردىكى كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، كەسپىي مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا پىكىر بەردى. لى كېچياڭ ئۇلاردىن نۆۋەتتە كەسپىي مائارىپتىكى قايسى كەسىپلەرنىڭ بازىرى ئىتتىك؟، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى قانداق؟ دېگەن مەسىلىلەرنى سورىدى. جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتىدىن خې خۇاۋۇ ھازىرقى زامان ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەشيا-ئوبوروت تەننەرخىنى ئازايتىش تەكلىپىنى بەردى. لى كېچياڭ ئۇنىڭ كەلگۈسىدە تۆمۈر يولنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناشتا ئوينايدىغان رولىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. بېيجىڭ دوختۇرخانىسىدىن زېڭ يېشىن داۋالاش، داۋالاش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسىي قاتلامدىكى ئۇنىۋېرسال بۆلۈم دوختۇرلىرى قوشۇنىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، لى كېچياڭ داۋالاش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە داۋالاش كاپالىتى ۋە داۋالاش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك، دېدى. بۇ يىل مەركەز مالىيەسى ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىغا ئىشلىتىدىغان سېلىنمىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئېغىر كېسەل بولغان ئاغرىقلارنىڭ داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان خىراجىتىنى يەنىمۇ ئازايتىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر