باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئەڭ قاتتىق» تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

لى كېچياڭ تەستىق سالدى، جاڭ گاۋلى گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىنى ئاچتى ۋە سۆز قىلدى

2016.01.29 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەل رايى قۇرۇلۇشى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاقىدار تارماقلار كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، پائال نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولۇپ، ئامما خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش، ساغلام ئىستېمال قىلىشقا تەقەززا بولۇۋاتىدۇ. 2016-يىلى «13-بەش يىل» باشلانغان يىل، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرلىككە كەلگەن نوپۇزلۇق نازارەت قىلىش باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ،«تۆت ئەڭ قاتتىق» تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىق سېلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە جەمئىيەت يۈكسەك ئېتىبار بېرىدۇ، ئاممىنىڭ تەقەززاسى كۈچلۈك. ھەر دەرىجىلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىك كومىتېتلىرى، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئىشخانىلىرى ۋە ئەزا ئورۇنلار ئۆتكەن بىر يىلدا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «تاماق ئۈستىلى بۇلغىمىسى»نى تۈزەش جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، نەتىجىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ۋەزىپە يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل، شۇڭا قىلچە بوشاشماي، داۋاملىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر خەلقنىڭ مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكى، ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات روھى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ئارقىلىق، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا يولغا قويۇپ، مەركەزدىن يەرلىك ھەتتا ئاساسىي قاتلامغىچە بولغان نوپۇزلۇق نازارەت قىلىش باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن مۇساپە بويىچە ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېتىزدىن ئۈستەلگىچە بولغان ھەر بىر مۇداپىئە لىنىيەسىنى قاتتىق تۇتۇپ، قانۇن، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا قول قوشتۇرۇپ تۇرماي، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر