باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە بايلىقىنىڭ يېزىلارغا مايىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

ئىسلاھاتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشايلى

2016.02.01 13:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزنىڭ 2016-يىللىق 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تۈزۈلمە-مېخانىزىملاردا يېڭىلىق يارىتىشنى بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-يېزا ئىككى مەنبەلىك قۇرۇلمىسىنىڭ تۈزۈلمە توسالغۇلىرىنى بۇزۇپ تاشلاشقا كۈچ چىقىرىپ، مىليونلىغان دېھقاننىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىدىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قويۇپ بېرىش كېرەك. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئىسلاھاتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش مۇھىم ھالقا. يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىدا تاشقى بۆسۈشنى قوغلىشىپلا قالماستىن يەنە ئىچكى قىسمىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، تۈزۈلمە-مېخانىزىمىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئىچىدىكى غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك.

  ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمى ۋە يىغىپ ساقلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك

  ھازىر، ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ خەلقئارا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى تەسىرى كۈنسېرى زورايماقتا. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئاشلىق باھاسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئوخشىماسلىقىدەك ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئاشلىق ئىمپورت مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، دۆلەت ئىچى ئاشلىق بازىرى ئىگىلىنىپ، ئاشلىق زاپاس مىقدارى تارىختىن بۇيانقى يېڭى رېكورتنى ياراتتى، بۇنداق ئەھۋالدا ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمى ۋە يىغىپ-ساقلاش تۈزۈمىنى تېزدىن ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  بۇ يىللىق 1-نومۇرلۇق ھۆججەتتە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشنى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ، «سورتقا ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈش» چارىسىنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى تەڭشەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. شال، بۇغدايلاردا ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ پاختىسى، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ چوڭ پۇرچاقلىرىنى نىشانلىق باھا ئىسلاھاتى بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىپ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  بۇ يىللىق 1-نومۇرلۇق ھۆججەتتە ئۈچ جەھەتتىن كۈچ چىقىرىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مالىيەنىڭ ئالدى بىلەن يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارغا مەبلەغ سېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى دۆلەت مۇقىم مۈلكىگە مەبلەغ سېلىشنىڭ مۇھىم ساھەسى قىلىپ، سالماقنى كېمەيتمەي، ئومۇمىي مىقدارنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يېزا ئىگىلىكىگە مەدەت بېرىش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، مالىيە سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشلىك رولى ۋە مالىيە مەبلىغىنىڭ پىشاڭلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، فوند تەسىس قىلىش، ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش، كېپىل بولۇش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق پۇل مۇئامىلە، سودا-سانائەت كاپىتاللىرىنى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

  ئىككىنچى، پۇل مۇئامىلە بايلىقىنىڭ يېزىلارغا مايىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كۆپ قاتلاملىق، كەڭ دائىرىلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېزا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېزىلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، يېزا ئىگىلىك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت زەنجىرىنى ئومۇميۈزلۈك جانلاندۇرۇش كېرەك. ھۆججەتتە، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئامانەت-قەرز ھەمكارلىقىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، يېزا پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى سىناق قىلىش، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە كېپىل بولۇش سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش، يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى، ئۆلكە بىرلەشمە كوپىراتىپى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر