- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە ئەمەلدارى ئاق ساراينى پۇتىنغا قارا چاپلىدى دەپ ئەيىبلىدى
2016.02.01 16:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى يېقىندا ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ بىر ئاخبارات تەكشۈرۈش زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىندا چىرىكلىشىش ھەرىكىتى بار ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنى بىلگىلى خىلى ئۇزۇن يىل بولدى دېگەن. ئارقىدىن، ئامېرىكىنىڭ ئاق ساراي باياناتچىسى 28- يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىنىڭ پۇتىننىڭ چىرىكلىشىش ئەھۋالىغا ئالاقىدار سۆزلىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىنى ناھايىتى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى دېگەن. رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى 29- يانۋار، زۇڭتۇڭ پۇتىندا چىرىكلىشىش ئەھۋالى بار دېگەن سۆزلەرگە ۋە ئامېرىكا ئاق سارىيىنىڭ بۇ توغرۇلۇق ئېلان قىلغان ئوبزورىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇنىڭغا چۈشەندۈرۈش بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر