باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار 13-بەش يىللىق پىلان تەكلىپىنى كەينى-كەينىدىن جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى

2016.02.03 16:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جايلار 13-بەش يىللىق پىلان تەكلىپىنى كەينى-كەينىدىن جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى. بۇلار كەلگۈسى بەش يىلدا جايلارنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر بولۇپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش توغرىسىدا قانداق بايانلار بار؟

  جايلار ئېلان قىلغان 13-بەش يىللىق پىلان تەكلىپىدىن قارىغاندا، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىن بولۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە تېخىمۇ ئىجابىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئورتاق تونۇش بولۇپ قالغان.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىم بولسا، خەلق تۇرمۇشى مۇقىم بولىدۇ. 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، سىچۈەن ھەر يىلى شەھەر بازارلاردا 90 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچىدىن 850 مىڭغا يۆتكەشنى، ئىشسىز خادىملاردىن 340 مىڭ كىشىنى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كەلگۈسى بەش يىلدا شەھەر بازارلاردا 2 مىليون 200 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 440 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. يۈننەن ئۆلكىسى كەلگۈسى بەش يىلدا 2 مىليون 200 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى، شەھەر بازارلاردا ئىشسىز خادىملاردىن 500 مىڭ كىشىنى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار 500 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى، شەھەر بازارلاردا تىزىملىنىدىغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5 ئىچىدە كونترول قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  جايلار ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى تېز مۇكەممەللەشتۈردى. ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورنى تولۇقلىما سىياسىتىنى يولغا قويدى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندى ئارقىلىق كارخانىلارغا تولۇقلىما بەردى، كارخانىلارنىڭ سېلىقىنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورۇنلىرىنى مۇقىملاشتۇردى. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلار، كارخانا ۋە كارخانىدىكى خادىملارنىڭ ئالدىنقى يىلى تاپشۇرغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %50ى بويىچە، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى بەرسە بولىدۇ. ھازىر شىزاڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش تولۇقلىمىسىدىن تۇنجى تۈركۈمدە بەھرىمەن بولىدىغان 196 كارخانىنى ئېلان قىلدى.

  جايلار ئىگىلىك تىكلەشكە يەنىمۇ ئىلھام بېرىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولماقتا. چۇڭچىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇشنى ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەمەلىي نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى.ئۆتكەن يىلى بۇ شەھەردە 337 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئوخشاش مەزگىلىدىكدىن %17.4 ئاشتى. يېڭىدىن قۇرۇلغان شەھەر دەرىجىلىك ئىگىلىك تىكلەشكە تەسىر كۆرسىتىش بازىسى 17گە، ئومۇمىي سانى 62گە يەتتى، تەسىر كۆرسىتىدىغان كارخانىلار ۋە يەككە سودا سانائەتچىلەر 5 مىڭ 800گە يېتىپ، 40 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قىسمەن جايلارنىڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قالدى. نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى ماھارەتلىك ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتتى. ئۇلار 2020-يىلىغىچە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ماھارەتلىك ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانىنى 850مىڭغا، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ ماھارەتلىك ئىختىساس ئىگىلىرى ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %18تىن كۆپرەككە يەتكۈزمەكچى.

  جايلار ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئالايلۇق: خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى كۆمۈرچىلىك شەھەرلىرى ۋە ئورمانچىلىق رايونلىرىدىكى ئېشىندى ئىشچى خىزمەتچىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يولغا قويدى. شەنشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر