باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئونسۇدا ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىكى يېڭى سەھىپە ئېچىلدى

2016.02.04 17:25   مەنبە: خەلق تورى

ئونسۇدا ئاياللارنىڭ  ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىكى يېڭى سەھىپە ئېچىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئانارگۈل ھامۇت، مۇبارەك مەخمۇت خەۋىرى، فوتوسى): ئونسۇ ناھىيەسىدە روشەنگۈل تىككۈچىلىك شىركىتى قۇرۇلغان بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيە تەۋەسىدە تىككۈچىلىك، كەشتىچىلىك ھۈنىرى بار، ئىش ئورنى كۈتۈپ تۇرغان خانىم-قىزلارنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، كەسپىي تېخنىكا بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، ھەر ساھەدىكى ئاياللارغا ياخشى ئۈلگە بولدى.

  ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ چوڭ كوچا ئېغىزىغا جايلاشقان ئونسۇ ناھىيە روشەنگۈل تىككۈچىلىك شىركىتى ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ قوللىشى، پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ئەلگە نەپ بېرىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا 2015-يىل8-ئايدا 650مىڭ يۈەن مەبلەغ بىلەن كۆلىمى 270كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان تىككۈچىلىك شىركىتى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر بۇ شىركەتكە 20دىن ئارتۇق خانىم -قىزلار ئىشقا ئورۇنلاشتى. يەنە نۇرغۇن خانىم -قىزلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. شىركەت ئەنگە ئالدۇرغان «روشەنئاي»ماركىسىدىكى ئەنئەنىۋى ۋە زامانىۋى ئۇسلۇب ماھىرلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن چىرايلىق كىيىم-كېچەكلەر ھەر مىللەت خانىم -قىزلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ كىيىشىگە مۇيەسسەر بولۇپ، روشەنئاي ماركىسىدىكى كىيىم-كېچەكلەرنىڭ رەختلىرىنىڭ تولىمۇ چىرايلىق ۋە ئېسىللىكى، تىكلىشىنىڭ ئۆزگىچە ۋە باھاسىنىڭ مۇۋاپىقلىقى، ئىللىق مۇئامىلسى بىلەن ھەر ساھە ئاياللىرىنىڭ تاللىشىغا ئايلاندى، روشەنگۈل تىككۈچىلىك شىركىتىنىڭ يېقىندا يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان زامانىۋى ئىلغار تېخنىكا مۇجەسسەم بولغان كەشتىچىلىك ماشىنا -ئۈسكۈنىسى ئالدىن بۇيرۇتۇلغان زاكازىنىمۇ قوبۇل قىلدى، شىركەتكە ئىشقا ئورۇنلاشقان 20نەپەردىن ئارتۇق تىككۈچى ئۇستا خانىم -قىزلار پاكىز، ئازادە بولغان ياخشى خىزمەت ئورنىدا ئۆز كەسپىنى سۆيۈپ ئىشلىمەكتە، بۇ شىركەت يەنە ئۆز نۆۋىتىدە تىككۈچىلىك، كەشتىچىلىك كەسپىي تېخنىكىسى بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەش مەركىزى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىغا ۋە جەمئىيەتكە بولغان سەمىمىي رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، بېيىش يولىدىكى ئايال ماھىرلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولۇش يولىدا ئۈزلۈكسىز تىرىشماقتا.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…
      ·2016 -يىلى  يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى
      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى