باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ساياھەت

شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى

2016.01.18 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شاڭخەي مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات لايىھەسىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى دەرسلەشتۈردى ۋە تۈزۈملەشتۈردى. ھەر بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 60 سائەتتىن كەم بولمىغان پىدائىيلار مۇلازىمىتى ياكى جامائەت پاراۋانلىقى ئەمگىكىگە قاتنىشىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ئۇچۇرلىرى بىرلىككە كەلگەن ئېلىكترونلۇق سۇپىدا خاتىرلىنىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ قىلىنىدۇ، ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشتا پايدىلىنىدۇ.

  «شاڭخەي شەھىرىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى( جامائەت پاراۋانلىقى ئەمگىكى) باشقۇرۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇش پىكرى ( سىناق نۇسخىسى) » يېقىندا يولغا قويۇلىدۇ. بۇ پىكىر شاڭخەيدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات لايىھەسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم تەركىب قىسمى، شۇنداقلا شاڭخەي ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاشنى يولغا قويۇش چارىسىنىڭ يانداش مۇھىم قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ بىرى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى 4-ئايدىن بۇيان، شاڭخەي كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ئۇچۇرنى خاتىرلەش ئېلىكترونلۇق سۈپىسىنى قۇرغان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىدائىي مۇلازىمەت خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 2015-يىلىنىڭ ئاخىرغىچە، 256 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ھەممىسى ئېلېكترونلۇق سۇپىدا تىزىمغا ئالدۇرغان، تولۇق ئوتتۇرا ئىككىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 91%ى پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتناشقان( جامائەت پاراۋانلىقى ئەمگىكى).(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تور


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر